باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇش 10-چېسلا باشلىنىدۇ

2013.10.10 19:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇش 10-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ، بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىمتىھان بېرىدىغان جاينى تاللىسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورىدا مۇنداق ئەسكەرتىلگەن: ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى «ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرگەن ئەھۋالى» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن تولدۇرۇشى شەرت.

  ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بېرىشكە تېزىملىتىدىغان ھەربىر نۇقتىنى ئېسىدە ساقلىشى زۆرۈر، رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە (ھەر كۈنى سائەت 9:00دىن 22:00گىچە)، نەق مەيدانغا بېرىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، ئىمتىھانغا قاتنىشىش گۇۋاھنامىسىنى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىش ۋاقتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2014-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى 2014-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە. ئىمتىھان ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:30دىن 11:30غىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00تىن 17:00غىچە (1-ئاينىڭ 6-كۈنى، باشلىنىش ۋاقتى 8:30، ئاياغلاشتۇرۇش ۋاقتىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارمىقى بەلگىلەيدۇ، ۋاقتى 14:30دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ).

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر