ئىختىيارى مۇخبىر ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ خەۋىرى، فوتوسى: شىنجال ماي بوياق ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، پەيزاۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل–سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئەخمەتجان ھۆسىيىننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 9–ئاينىڭ 29–كۈنى قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى كۆرگەزمە زالىدا داغدۇغلىق باشلاندى.