باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

لى كېچياڭ بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەستىق سالدى

2013.10.10 18:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2003-يىلىدىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسى يېزىلادا «مىڭ كەنتنى ئۈلگە قىلىپ تۈمەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جېجياڭ ئۆلكىسى قانات يايدۇرغان «مىڭ كەنتنى ئۈلگە قىلىپ تۈمەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنىڭ تەجرىبىسىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرغاندا ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىن پىلانلاپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشىپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەركەزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەجرىبىسىنى ۋاقتىدا يەكۈنلىدى ۋە نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا مەخسۇس تەستىق سېلىپ، مۇنداق تەكىتلىدى، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشقا مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ يېڭى ئۈمىدى يۈكلەنگەن. جايلار، ئالاقىدار ئورۇنلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالى ۋە مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مەيلىگە ھۆرمەت قىلىپ، يېزا ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل يېزا قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر