باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرى كارخانىلارغا 370 مىليون يۈەن قەرز تارقىتىپ، ئۇلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى

2013.10.11 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەستۇرە مۇھەممەت خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ شەھىرى يېقىندا كارخانىلار تەرەققىياتىنى تېزلىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە تىجارەتچىلەرگە 370 مىليون يۈەن قەرز تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، ئاقسۇ شەھىرى بۇ قېتىم كارخانىلارنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشتە، ئۇلارنىڭ كۆچمە مۈلكىنى رەنىگە قويۇش شەكلىنى قوللانغان. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ كۆچمە مۈلكىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، ئۇنى قەرز مەبلىغى تارقىتىشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى قىلغان. ھازىر شەھەر بويىچە بېجىرىلگەن كۆچمە مۈلۈكنى رەنىگە قويۇش رەسمىيىتى 32 پارچىگە، تارقىتىلغان قەرز پۇل 370 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىلگەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر