سۆرەتتە: 10-ئۆكتەبىر كونا شەھەر ئىتتىپاق كۆۋرۈكىدىكى تەمىنلەش نۇقتىسىدا ئامما گۆش سېتىۋالماقتا.
قۇربان ھېيتلىق بازارنى تەمىنلەش، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ گۆش ئىستېمال ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن كۇچا ناھىيەسى 10- ئۆكتەبىردىن باشلاپ تۆت تەمىنلەش نۇقتىسىغا 150توننا ئەرزان باھالىق گۆشنى يەتكۈزۈپ بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، كۇچا ناھىيەسى ناھىيە بويىچە شەھەر، بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە ۋە نەپىقە ئائىلىلىرىنى ھەر كىلوگرامى 43 يۈەنلىك، باشقا ئاممىنى ھەر كىلوگرامى 48 يۈەنلىك باھا بويىچە سۈپەتلىك، باھاسى بازار باھاسىدىن 5-8يۈەنگىچە ئەرزان گۆش بىلەن تەمىنلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھېيتنى خوشال – خورام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى؛ فوتوسى)