- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 21-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى
2013.10.10 00:42 مەنبە: خەلق تورى
8-ئۆكتەبىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 21-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى، يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ما جەنچېڭ فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىن بەرگەن خەۋىرى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 21-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى 8-چېسلا ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا داۋاملاشتى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، تىنچ ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىنى قاپلىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يولداش شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، تىنچ ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىنى قاپلىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، شۇ ئارقىلىق ھەرقايسى ئىككىلەمچى رايونلار ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشغا تۈرتكە بولۇپ، 21 ئىقتىسادىي گەۋدە، 2 مىليارد 800 مىليون نوپۇسنى قاپلىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بازىرىنى قۇرۇپ، مۇشۇ رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ ئەركىن ئوبوروتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تىنچ ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ راۋاجلىنىش سەۋىيەسىنى سالماقلىق بىلەن ئۆستۈرۈپ، بىر گەۋدىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھۆكۈمەت، خۇسۇسىي تىجارەت ئورگانلىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلار كەڭ كۆلەمدە ئىشتىراك قىلىدىغان مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش كېرەك. جۇڭگو ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ ۋە بۇ يولنى كېڭەيتىدۇ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن رايون ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۈستۈنلۈكتىن
ئۆزئارا پايدىلىنىش ئىدىيەسى بويىچە، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىشقا پائال ئشىتىراك قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقىنىڭ ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە، تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو كېلەر يىلى كۈزدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىدۇ. بىز مۇشۇ پۇرسەت بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئىدىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ زور رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات كارتىنىسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
(دۇ شاڭزې، ليۇ خۇي، جۇاڭ شۆيا خەۋىرى )
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر