شۇ جاينىڭ ۋاقتى 10-ئۆكتەبىر روسىيە موسكۋادا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ياللانمى خىزمەتچىسى ـ سىنوۋدىننىڭ دادىسى راند سىنوۋدىن موسكۋا شىرىمەت يىۋو ئايرودرومىدا زىيارەت قوبۇل قىلدى.
يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ياللانما خىزمەتچىسى سىنوۋدىننىڭ دادىسى چوڭ سىنوۋدىننىڭ روسىيەگە بېرىش كۈنتەرتىپى ئاخىرقى مىنۇتقىچە مەخپىي بولۇپ، سىنوۋدىننىڭ ئادۋوكاتى كۇچىلىنو سنوۋدىننىڭ دادىسىنىڭ قاچان روسىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىن روسىيەگە ئۇچۇش سەپىرىدە چوڭ سىنوۋدىن باشتىن-ئاخىر بېشىغا كەپكە كىيگەن، يۈزىنى قارا ماسكا بىلەن ئىتىۋالغان. ئەمما 10-چېسلا ئەتتىگەندە موسكىۋا ئايرودرومىغا قونغاندا روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن قۇتۇلالمىغان.