باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا، تىنچ تەرەققىيات ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقتىن ئىبارەت چوڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2013.10.11 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ سېرى بېگاۋان شەھىرىدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بىرۇنېي پايتەختى سېرى بىگاۋان شەھىرىدە 16-قېتىملىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە (3+10) رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بىلەن بىرۇنېي سۇلتانى ھەسەننال يىغىنغا بىللە رىياسەتچىلىك قىلدى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتپاقىغا ئەزا ئون دۆلەت ۋە ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرىمۇ يىغىنغا بىللە قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىقى ئاسىيادا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندە روياپقا چىققان، شۇنداقلا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش سىنىقىدىنمۇ ئۆتتى، ئۇ رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، شەرقي ئاسىيا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىجىبايى تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، 3+10 ھەمكارلىقى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسلىق تۈگۈنى، مۇھىم بازىسى بولۇپ قالدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر تىنچ تەرەققىيات ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى داۋاملىق چىڭ ئىگىلەپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنى باشتىن-ئاخىر ساغلام راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. (ۋۇ لېجۈن، ۋاڭ خۇي خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر