باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كەڭ ساھە چوڭقۇر قاتلاملىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەر تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2013.10.11 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن برۇنېينىڭ پايتەختى سېرى بېگاۋان شەھىرىدە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ برۇنېي سۇلتانى ھەسەنار بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ رەھبىرلىرى بىردەك يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىنىپ، ھەمكارلىق رامكىسى تەسەۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.

  لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 10 يىلدىن بۇيان، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىيى ھەمكارلىقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە زور تەبئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولدى. بۇ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، تىنچىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى پىششىپ يېتىلىش مەزگىلىگە، ھەمكارلىقى تېز تەرەققىيات يولىغا كىردى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنداق ئىككى نۇقتىلىق سىياسىي ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. بىرىنچى، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى ئىستراتېگىيىلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىناق خوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش؛ ئىككىنچى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى دىققەتنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى قوش غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كېڭەيتىش. ئىككى تەرەپ پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كەڭ ساھەدىكى، چوڭقۇر قاتلاملىق، يۇقىرى سەۋىيلىك، ھەر تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ۋە مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق. تارىخىي پۈرسەتنىڭ ئىشىكى بىزگە ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن مەڭگۈلۈك شېرىك، مەڭگۈلۈك دوستلاردىن بولۇپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئاسىيا ھەتتا دۇنيا ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  يىغىندا «جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش بىرلەشمە باياناتى» ئېلان قىلىندى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر