باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇربان ھېيت ھارپىسىدا زاپاس گۆش بازارغا سېلىنىدۇ

2013.10.11 16:07        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقان ئاممىغا زاپاس گۆش بېلىتى تارقىتىلىدۇ

  15-ئۆكتەبىر ، قۇربان ھېيت. ھېيتلىق بازار تەمىناتىنى موللاشتۇرۇش، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ، ئوتتۇرا ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنىڭ گۆش ئىستېمال ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ، 10-ئۆكتەبىردىن 14-ئۆكتەبىرگىچە ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت ، ئوبلاست (شەھەر) لەر زاپاس گۆشنى بازارغا سالىدىكەن . ئۈرۈمچى شەھىرى ، تۇرپان شەھىرى ، پىچان ناھىيەسى ، توقسۇن ناھىيەسى ، سانجى شەھىرى ، غۇلجا شەھىرى ، غۇلجا ناھىيەسى ، كورلا شەھىرى، لوپنور ناھىيەسى ، ئاقسۇ شەھىرى ، كۇچا ناھىيەسى ، قەشقەر شەھىرى ، يەكەن ناھىيەسى ، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ، قاغىلىق ناھىيەسى ، پەيزاۋات ناھىيەسى ، ئاتۇش شەھىرى ، خوتەن شەھىرى ، لوپ ناھىيەسى ، قاراقاش ناھىيەسى ، گۇما ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى قاتارلىق 22 شەھەر، ناھىيە بۇ قېتىم زاپاس گۆش بازارغا سېلىنىدىغان نۇقتىلىق رايون قىلىپ بەلگىلىنىپ ، 250 تىن ئارتۇق ‹‹ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك زاپاس گۆشلىرىنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى ›› ۋە ‹‹ تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى تەمىنلەش نۇقتىسى ›› تەسىس قىلىنىدىكەن . تۆۋەن كىرىملىك ئاممىغا مەخسۇس سېتىلىدىغان زاپاس گۆشنىڭ ھەر كىلوگرامى باشقا تۈردىكى زاپاس گۆشلەرگە قارىغاندا بەش يۈەن ئەرزان بولىدىكەن . ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى ، ئاتۇش شەھىرىدە 9-ئۆكتەبىردىن 13-ئۆكتەبىرگىچە سېتىلىدىكەن .

  22 نۇقتىلىق زاپاس گۆش سېتىلىدىغان شەھەر ، ناھىيەلەردىن باشقا ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە 53 شەھەر ، ناھىيە يەرلىكنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، مۇۋاپىق سېتىش كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرگە قارىتا ئېتىبار باھالىق گۆشنى بازارغا سالىدىكەن .

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بولۇپمۇ 2013-يىلىدىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزدا قوي-كالا گۆشلىرىنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ ، يېزا-بازارلاردىكى ئوتتۇرا ، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا بولۇپمۇ ، ھېيت-بايرام مەزگىلىدىكى ئىستېمالىغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن . بۇنىڭغا قارىتا ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى سودا ئىشلىرى تارماقلىرى پۈتۈن شىنجاڭدا زاپاس گۆش كاپالەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ ، ھېيت-بايراملاردا زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سۈپەتلىك ، باھاسى ئەرزان گۆش سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر