خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-چېسلا چۈشتىن كېيىن بىرۇنېي پايتەختى سېرى بىگاۋان شەھىرىدە 16-قېتىملىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (1+10) رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بىلەن بىرۇنېي سۇلتانى ھەسەننال بىللە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىندى، ھەمكارلىق رامكىسى تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل بولدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئون يىلدىن بۇيان، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچ داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق تېز راۋاجلاندى، ئىنسانىيلىق ئالاقە كۈندىن-كۈنگە قويۇقلاشتى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە ۋە زور تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولدى. بۇ جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.ۋۇ لېجۈن، ۋاڭ خۇي خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى