15-ئۆكتەبىر ، قۇربان ھېيت. ھېيتلىق بازار تەمىناتىنى موللاشتۇرۇش، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ، ئوتتۇرا ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنىڭ گۆش ئىستېمال ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ، 10-ئۆكتەبىردىن 14-ئۆكتەبىرگىچە ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت ، ئوبلاست (شەھەر) لەر زاپاس گۆشنى بازارغا سالىدىكەن . ئۈرۈمچى شەھىرى ، تۇرپان شەھىرى ، پىچان ناھىيەسى ، توقسۇن ناھىيەسى ، سانجى شەھىرى ، غۇلجا شەھىرى ، غۇلجا ناھىيەسى ، كورلا شەھىرى، لوپنور ناھىيەسى ، ئاقسۇ شەھىرى ، كۇچا ناھىيەسى ، قەشقەر شەھىرى ، يەكەن ناھىيەسى ، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ، قاغىلىق ناھىيەسى ، پەيزاۋات ناھىيەسى ، ئاتۇش شەھىرى ، خوتەن شەھىرى ، لوپ ناھىيەسى ، قاراقاش ناھىيەسى ، گۇما ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى قاتارلىق 22 شەھەر، ناھىيە بۇ قېتىم زاپاس گۆش بازارغا سېلىنىدىغان نۇقتىلىق رايون قىلىپ بەلگىلىنىپ ، 250 تىن ئارتۇق ‹‹ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك زاپاس گۆشلىرىنى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى ›› ۋە ‹‹ تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى تەمىنلەش نۇقتىسى›› تەسىس قىلىنىدىكەن. تۆۋەن كىرىملىك ئاممىغا مەخسۇس سېتىلىدىغان زاپاس گۆشنىڭ ھەر كىلوگرامى باشقا تۈردىكى زاپاس گۆشلەرگە قارىغاندا بەش يۈەن ئەرزان بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى، يەكەن ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرىدە 9-ئۆكتەبىردىن 13-ئۆكتەبىرگىچە سېتىلىدىكەن.