ماتېرىيال: سۈرەتتە كورىيەنىڭ ئايال پىرېزىدېنتى پاك گۇنھى ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشنزونىڭ قولىنى تۇتۇشنى رەت قىلدى
كورىيە دۆلەت پارلامېنتىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ 13 – چىسلا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر جەمئىي 278 نەپەر كورىيەلىك ئايال ئېرىنى خورلاشتىن ئىبارەت ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبلىك ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
كورىيە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە – دۆلەت پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كىم خانپو كورىيە دۆلەت پارلامېنتى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى، ئاياللارنىڭ ئېرىنى خورلاش ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەرلەرنىڭ خوتۇنىنى خورلاش ئەھۋاللىرى كورىيە جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان ئەھۋال. بۇلتۇر جەمئىي 5876 نەپەر كورىيەلىك ئەر خوتۇنىنى ئۇرغانلىقى ياكى خورلىغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
بۇ ساننى 2011 – يىلدىكى 4481 ئادەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا روشەن ھالدا ئېشىپ كەتكەن. كورىيە جەمئىيىتىدىكى «ئەرلەر ئۈستۈنلۈكى مەسىلىسى» كەيپىياتى سەۋەبلىك ئائىلە زوراۋانلىقى بىر مەزگىل ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتتى، 2004 – يىل تەخمىنەن 11500 نەپەر كورىيەلىك ئەر خوتۇنىنى خورلىغانلىقى سەۋەبلىك ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇندىن كېيىن، بۇ سان ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، بۇلتۇر ئاندىن يەنە ئېشىشقا باشلىغان.
كورىيەنىڭ ئايال پىرېزىدېنتى پاك گونھى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئائىلە زوراۋانلىقىغا زەربە بېرىشقا تىرىشتى. ئۇ ئائىلە زوراۋانلىقى، جىنسىي زوراۋانلىق، مەكتەپتىكى زوراۋانلىق ۋە لاياقەتسىز يېمەكلىكلەرنى كورىيە ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان تۆت چوڭ «ئىجتىمائىي كېسەل» دەپ ئاتىدى.