خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 16-ئۆكتەبىر، ياپونىيە توكيودا، ئامما بوراندا كېتىۋاتىدۇ. ياپونىيە توكيو ساقچى ۋازارىتى بۇ يىل 26-نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى «ۋېيپا»دا 17 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ھاۋا رايى ۋازارىتىنىڭ خادىمى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «تەيفېڭ بورىنى ۋېيپانىڭ قاتناشقا زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كىشىلەرنى ھوشيار بولۇشقا، زۈرۆر بولمىسىلا سىرتقا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.