- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا پىكاپلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ
2013.10.16 10:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشقا بەش كۈن قويۇپ بېرىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەقلىق تاشيوللاردا پىكاپلاردىن ھەق ئېلىنماي يول يۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، پىكاپلارنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى15-ئۆكتەبىر سائەت نۆلدىن 19- ئۆكتەبىر سائەت 24 كېچە بولىدىكەن. ئادەتتىكى تاش يوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن؛ يېپىق شەكىلدىكى يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن چىققان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن؛ يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن ئاپتوموبىللار ھەقسىز يول يۈرسە بولىدىكەن؛ ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يول يۈرۈشىگە يول قويۇلغان موتسىكلىتلار شىنجاڭدىكى ھەق ئالىدىغان تاشيوللاردا ھەقسىز يول يۈرسە بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر