- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش»نى ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىندى
2013.10.16 10:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك دەم ئېلىش ساياھەتنى مىنىستىرلىقلار ئارا ماسلاشتۇرۇش كېڭىشى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن سىنا تورى، سوخۇ تورى، تىڭشۈن تورى، سۇمرۈغ تورى، خەلق تورى، شىنخۇا تورى قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە «قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدى.
توردىكى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى- « سىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن رازىمۇ؟»، «ئۇزاق دەم ئېلىشنى ساقلاش قىلىشقا بولامدۇ-يوق؟»، «قىسقا، ئۇزۇن ۋاقىت دەم ئېلىشنى ماسلاشتۇرۇش كېرەكمۇ -يوق؟» شۇنداقلا تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاتارلىقلار. مەملىكەتلىك دەم ئېلىش ساياھەتنى مىنىستىرلىقلار ئارا ماسلاشتۇرۇش كېڭىشى ئىشخانىسى ئاممىنىڭ ئاكتىپ پىكىر بېرىشىنى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى، دەم ئېلىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر