باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى دالاي گۇرۇھىنىڭ «زاڭزۇ يېتىم بالىلىرى» ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2013.10.16 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 15-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ⅩⅣ دالاينىڭ «شىزاڭ مۇستەقىللىقى»نى قولغا كەلتۈرۈش سىياسىي مەقسىتىدە، «زاڭزۇ يېتىم بالىلىرى» ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىغا قارىتا، بارچە ئاق نىيەتلىك ۋە ھەققانىيلىقنى سۆيىدىغان كىشىلەر بۇنداق رەزىل قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىشى كېرەك.

  مۇخبىرلاردىن بىرى سوراپ: شىۋېتسارىيە «يېڭى سيۇرىخ گېزىتى»نىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، ⅩⅣ دالاي لاما شىۋېتسارىيە سودىگىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، زورلۇق بىلەن 200 گە يېقىن زاڭزۇ بالىسىنى تىرىك پېتى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېنىدىن تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى «يېتىم بالىلار» دەپ، شىۋېتسارىيە ئائىلىلىرىنىڭ بېقىۋېلىشىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپلىگەن پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سىزدىن سورايدىغىنىم، بۇ ۋەقەگە قانداق باھا بېرىسىز؟

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: بىز شۋېتسارىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خەۋىرگە دىققەت قىلدۇق. يېقىندا، شىۋېتسارىيە «يېڭى سيۇرىخ گېزىتى» چىقارغان «زاڭزۇ ‹يېتىم بالىلىرى›، ئەمەلىيەتتە يېتىم بالىلار ئەمەس» ۋە «دالاي لامانىڭ كەچۈرۈم سورىشى ئىنتايىن مۇھىم» تېمىسىدىكى ئىككى پارچە ماقالىدە، زور ھەجىملىك سەھىپە ئارقىلىق دالاي گۇرۇھىنىڭ قانداق قىلىپ «يېتىم بالىلار» سالاھىيىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ھەمدە زورلۇق بىلەن زاڭزۇ پەرزەنتلىرىنى شىۋېتسارىيەگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بېقىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدەك ئىچكى ئەھۋال ئاشكارىلانغان. ⅩⅣ دالاي «شىزاڭ مۇستەقىللىقى»نى قولغا كەلتۈرۈش سىياسىي مەقسىتىدە، «زاڭزۇ يېتىم بالىلىرى» ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، نەچچە يۈزلىگەن ئائىلىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىشتەك پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. (مۇخبىر جاڭ پېڭشيۇڭ، ۋاڭ خۇيخۇي خەۋىرى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر