خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلى 15-ئۆكتەبىر پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان قۇربان ھېيتى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھەر جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئامما نيۇجيې مەسچىتىدە قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇدى ۋە قۇربانلىق قىلدى. ھېيت نامىزىغا كەلگەن قىزلار ئۆتكەن يىللاردىكىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى.