باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋەكىلى: خەلقئارا تالاش تارتىشلارنى ھەل قىلىشتا،دەۋالاشقۇچى دۆلەتنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش كېرەك

2013.10.16 10:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 10-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى تالاش تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىدۇ.خەلقئارا تالاش تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاشتا دەۋاگەر دۆلەتنىڭ ئەركىن تاللاش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: خەلقئارا تالاش تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىش ۋە قۇرال كۈچى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش پرىنسىپى خەلقئارا قانۇن بويىچە تۈزەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىسى قۇرۇلمىسىنىڭ يادروسى ۋە ھازىرقى زامان خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئاساسى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا قانۇن مەجبۇرىيىتى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا تالاش تارتىشلار توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھەل قىلىش قىلماسلىقىدا، دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر ئىختىيار بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا، خەلقئارا قانۇن پرىنسىپىنى ئاساس قىلىش كېرەك. تالاش تارتىشلار ئۇستىدىن مەجبۇر ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھەل قىلىشغا سۇنۇش ھەرىكىتى، خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق تۈزەش پرىنسىپىغا خىلاپ، بۇنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر