قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئامما ئەرزان باھالىق گۆش سېتىۋېلىپ ، خاتىرجەم گۆش يېيەلەيدىغان بولدى . ئاپتونوم رايون شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان 860 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ۋە 30 مىڭدىن ئارتۇق نەپىقە ئوبيېكتىنىڭ ھەر بىرىگە ئىككى كىلوگراملىق گۆش بېلىتى تارقاتتى ھەمدە ھۆكۈمەت بازارغا سالغان يېڭى زاپاس گۆشنى ئۇلارغا بازار باھاسىدىن بەش يۈەن ئەرزان سېتىپ بېرىشنى بېكىتتى .