خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئۆكتەبىر دۇنيا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى بولۇپ، «ئىنتايىن نامرات كىشىلەر توپىدىن تەجرىبە ۋە بىلىم ئېلىپ، بىرلىكتە كەمسىتىش بولمايدىغان دۇنيا بەرپا قىلايلى» دېگەن شوئار بۇ يىلقى تېما قىلىندى. دۇنيا بانكىسى ئىنتايىن نامراتلىققا ‹كۈنلۈك تۇرمۇش چىقىمى 1.25 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن› بولۇش دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. ھازىر دۇنيادا 1 مىليارت 200 مىليون ئادەم يەنىلا ئىنتايىن نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى بالىلار. بەزى تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە نامرات بالىلارنىڭ نىسپىتى ھەتتا نوپۇسنىڭ يېرىمىغا يېتىدۇ. دۇنيادىكى 35 تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىن ئافرىقىدىلا 26 سى بولۇپ، خاتىرىلەنگەن ئىنتايىن نامرات نوپۇس 30 يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 100 مىليون ئادەم ئاشقان، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە كۈنلۈك كىرىمى ئاران 78 ئامېرىكا سېنتىغا توغرا كېلىدۇ.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر