خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا خافېندېڭ پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق گىرىمچىك مېلشا موفى يېقىندا بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى كۆزلىرى خىرە، تېرە رەڭگى تەكشى بولمىغان كايپاڭ يۈزلۈك قىزلار گىرىم قىلىنغاندىن كېيىن ئورۇق يۈزلۈك گۈزەللەرگە ئۆزگىرىپ، ھوللىۋۇد كىنو چولپانلىرىدەك سېھرى كۈچ ئۇرغىغان. ئاجايىپ گىرىم قىلىش سەۋىيەسى كورېيەنىڭ ھۆسۈن تۈزەپ چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىدىن قېلىشمايدىغان بولۇپ، گىرىم قىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۈرەتتىكى پەرقلەر بەك چوڭ بولغانلىقتىن، تورداشلارنىڭ ئاياللارنىڭ گىرىم قىلىشىغا نىسبەتەن تالاش-تارتىش قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر