- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىك نامزاتى 1 مىليون يۈەن خىيانەت قىلغانلىقى، كۆپ ئاشنا باققانلىقى ئايالى تەرىپىدىن پاش قىلىندى
2013.10.10 19:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆپ ئايال باققانلىقى ئايالى تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن پەن تەتقىقات خىراجىتىنى خىيانەت قىلغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىك نامزاتى دۇەن جېنخاۋ «نازاكەتلىك ئىشلىرى» خىيانەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئاخىر مەھبۇسقا ئايلاندى. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئىگىلىشىچە، بىرىنچى سوتتا 13 يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، دۇەن جېنخاۋ نارازىلىق ئەرزى سۇنغان، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلو ئۈستىدە ئاخىرقى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى چىقىرىپ، دۇەن جېنخاۋنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغان، ئۇنىڭ كاتىپى چې چۇنلەن ئۈستىدىكى دېلودىمۇ ئىككىنچى سوتتا ئەسلىي ھۆكۈم ساقلاپ قېلىنغان.
(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر