شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجا ئەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى، فوتوسى: 2013 – يىللىق قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بەزىلەر ئۆيلىرىنى تازىلىتىش بىلەن، بەزىلەر يېڭى ئۆي كۆچۈش بىلەن، بەزىلەر ھېيتلىق نەرسە سېتىۋېلىش بىلەن، بەزىلەر يۇرتىغا قايتىپ، ئاتا – ئانىسىنى يوقلاش تەييارلىقى بىلەن ئالدىراشلىققا چۆمدى....
10 – ئۆكتەبىر ئەتىگەندىلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر جەنۇبى باغچىسى ئالدىدىكى قۇربان ھېيتلىق ھۆكۈمەت زاپاز گۆشىنى سېتىش نۇقتىسى ئالدىدا كىشىلەر خېلى ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كەتكەنىدى، يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئۆچىرەت ساقلىغاندىن كېيىن شۇ ئەتراپتا ئولتۇرىدىغان، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىدىن بولغان تۇراخان ھوشۇر ھەدە ھەر كىلوگرامىنى 39 يۈەنلىك باھادا ھۆكۈمەت زاپىسىدىكى يېڭى گۆشتىن يېرىم قوي سېتىۋالدى.
ــ يولدىشىم بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەن، قارىغۇچىسى يوق، ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن كىرىم كاپالىتىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقان مەندەك بىر ئايالنىڭ قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا ھەر كىلوگرامىنى 39 يۈەندىن يېڭى گۆش سېتىۋېلىپ يىيەلىشىم ئاسان ئەمەس، بۈگۈن بەك خۇشال بولدۇم، پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە مىڭ رەھمەت، - دېدى تۇراخان ھەدە گۆشنى دۈمبىسىگە ئارتقاچ ماڭا.