باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە مۇخبىرلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق «دۆلەت ئىمتىھانى» باشلىنىدۇ، كېلەريىلى مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بىر تۇتاش ئالماشتۇرۇلىدۇ

2013.10.12 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلق تورىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلى 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ئىدارە يېقىندا «ئاخبارات ئىشلىرىدا مۇخبىر ۋە مۇھەررىرلەرنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، «خەۋەر مۇخبىرلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە خەۋەر مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى بىر تۇتاش ئالماشتۇرۇشتىن ئىلگىرى، مەملىكەت بويىچە ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى مۇخبىر ۋە مۇھەررىرلەرنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش ۋە باھالاشنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى. كەسىپكارلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش-باھالاش مەملىكەت بويىچە ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇنجى قېتىملىق مەركەزلىك باھالاش ھېسابلىنىدىكەن، ئۇنىڭ مەملىكەت بويىچە ئاخباراتچىلىقتا مۇخبىر ۋە مۇھەررىرلەر قاشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ نۇقسانلىرىنى تازىلاش، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە زور ئىجابىي ئەھمىيىتى بار بولۇپ، ئۇ ئاخبارات ساھەسىدە «دۆلەت ئىمتىھانى» دەپ ئاتالغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر