باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تايلاند «خەلق رايى گېزىتى»دە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

2013.10.12 09:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 11-ئۆكتەبىر تايلاندتا چىقىدىغان «خەلق رايى گېزىتىدە» «تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە بىرلىكتە ئاتلىنايلى» دېگەن ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

  لى كېچياڭ ماقالىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تايلاند ئەزەلدىن تارتىپ ياخشى قېرىنداشلار، يۈز يىللىق ئالاقە جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە مۇھەببەت ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، جۇڭگو تايلاند مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام مۇقىم تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تايلاند مۇناسىۋىتى ساغلام تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا كىردى، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقى زور تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئۆرلەش بوشلۇقىغا دۇچ كەلمەكتە.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىزنىڭ جۇڭگو تايلاند مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل، جۇڭگو تايلاند دوستلۇقىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن مېنەن دەرياسىغا ئوخشاش توختىماي ئالغا بېسىشىنى خالايمىز، بىز تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە بىرلىكتە ئاتلىنايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر