- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىلدى
2013.10.12 09:09 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
9-ئۆكتەبىر ، قاراقاش ناھىيەسىدىن گۇما ناھىيەسىگە ماڭغان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى دۆلەت يولى 315-لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى 80 كىلومېتىرلىق يەرگە كەلگەندە ( سائەت 18:49 دە ) قارشى تەرەپتىن كەلگەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ ، ئالتە ئادەم قازا قىلىپ ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان . يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان .
ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۈك ئاپتوموبىلىغا گاز تۇڭىدىن 12 سى ئورنىتىلغانلىقىنى ھەمدە نۇرغۇن جايلىرىدىن گاز قېچىش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان .
10-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، قاراقاش ناھىيەلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە ، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىكى ئىككى ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان ، يارىلانغان ئىككى ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش يولىدا قازا قىلغان ، ئىككى ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان .
نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ كونكرېت سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر