- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئارام ئىشخانىسى پىكىر توپلاشنى باشلىدى، تۇنجى كۈنى 2 مىليون ئادەم قېتىم ئىشتىراك قىلدى
2013.10.12 14:02 مەنبە: خەلق تورى
تور ئەھلىنىڭ يەتتە ئۈلۈشى ھازىرقى ئورۇنلاشتۇرۇشقا رازى ئەمەسكەن، ئۇنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىردەك ئەمەس.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك ئارام ساياھاتىنى مىنىستىرلىقلار ئارا ماسلاشتۇرۇش مەجلىسى ئىشخانىسى 10-چېسلا خەلق تورى، شۇنخۇا تورى، سىنا تورى قاتارلىق 6 تور بېكىتىدە «قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق ئارام كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈش سوئالى»نى ئېلان قىلدى، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18گە قەدەر، مۇخبىر 6 تور بېكىتىدىكى ئىستاتىستىكا مەلۇماتنى جەمىلىدى، جەمئىي 1 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم بېلەت تاشلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە %70.4 تور ئەھلى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بايراملىق دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا رازى ئەمەسكەن، رازى بولغىنى ئاران %22.9كەن. بىراق، ھەپتە ئاخىرسىنى دەم ئېلىش كۈنلىرىگە تەڭشەشكە نىسبەتەن تور ئەھلىدىن قوللايدىغانلىرى بىلەن قارشى چىقىدىغانلىرىنىڭ سانى ئاساسەن ئوخشاش بولغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر