شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ 2014-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ساياھەتچىلەر 150 يۈەنلىك قىشلىق ئىشىك بېلىتى سېتىۋالسىلا قاناس كۆلى، ئاق قابا، قۇمقاناس قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى كەڭ كۇشادا سەيلى قىلالايدىكەن . ياز پەسلىدە بۇ ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆرۈشكە ئاز دېگەندىمۇ 300 يۈەن كېتىدىكەن.