باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە پارلامېنتى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە چېگرىدىن ھالقىپ زەربە بېرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى تەستىقلىدى

2013.10.12 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە خەلق پارلامېنتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ھۆكۈمەت سۇنغان كۇردئىشچىلار پارتىيەسى قۇراللىق كۈچلىرىگە چېگرىدىن ھالقىپ زەربە بېرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسىنى يەنە بىر قېتىم ماقۇللىدى.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتى 4-ئۆكتەبىر پارلامېنتقا بۇ ھەرىكەت لايىھەسىنى سۇندى. ھەرىكەت لايىھەسىگە ئاساسەن، تۈركىيە قىسمىنىڭ كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرىگە چېگرىدىن ھالقىپ زەربە بېرىش مۇددىتى 17-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ.

  2012-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۇتۇپ تۇرۇلغان كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئۆچئالان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنى قوراللىرىنى تاشلاپ تۈركىيەدىن چېكىنىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. بۇ يىل مارتتا، ئۆچئالاننىڭ مۇراجئەتنامىسى ئاستىدا كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق كۈچلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشنى توختىتىپ، 8-مايدىن باشلاپ تۈركىيەدىن ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىغا رەسمىي چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر