باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيە جۇڭگودىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى جاكارلىغاندا غەرب ئەللىرى ئولتۇرالمىدى(1)

2013.10.12 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يېرماز يېقىندا تۈركىيەنىڭ جۇڭگونىڭ قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئۆزىنىڭ يىراق مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قىلىدىغانلىقىنى، توختام سوممىسىنىڭ 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن يىراقتىكى ئامېرىكا دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ئىشقا قاتتىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى جىن پۇساركى 28-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ جازالاش تىزىملىكىدىكى بىر شىركەت بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ كوللىكتىپ مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن زىت كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىدۇ، ئامېرىكا بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوئان بىلەن كۆرۈشكەندە تۈركىيەنى جۇڭگونىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى سېتىۋالماسلىقى توغرىسىدا ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش قارارىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇ ئوبزور ئېلان قىلىپ بۇ ئىشقا باھا بەردى. نۇرغۇن تاراتقۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قاراى ئويلىمىغان يەردىن چىقتى ئەمما بۇ لوگىكىغا ئويغۇن دەپ ھېسابلىدى.

تۈركىيەدە چىقىدىغان دەۋر گېزىتىدە 6-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ جۇڭگونىڭ قىزىل بايراق-9 بەلگىلىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى تاللىشى توغرا قارار» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىندى. ماقالىدە تۈركىيەنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن گېنىرالى قاراقاشنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ قېتىمقى سودا تېخىنىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۈركىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا يىراق مۇساپىلىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم، دېيىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جۇڭگونىڭ شىركىتى بىلەن تېخىنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، تۈركىيە مۇستەقىل ھالدا يىراق مۇساپىلىك ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە قىممەتلىك تەجرىبىگە ئىگە بولىدۇ، بۇ كەلگۈسىدە مۇستەقىل ھالدا بۇ خىل سىستېمىنى تەتقىق قىلىشقا ئاساس يارىتىدۇ. غەرب ئەللىرى تارقاتقان جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سىستېمىسى بىلەن سىڭىشەلمەيدۇ دېگەن سۆزلەرگە قارىتا ماقالىدە ماس كېلىدىغان يۇمشاق دېتال تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىغىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلاندى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر