باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مالىيەسىدىن 830 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ مەركەزنىڭ مەدەنىيەت كارخانىلىرىغا مەدەت بېرىلىدۇ

2013.10.11 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مەبلىغىنىڭ تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارىي قىلدۇرۇش، مەركەزنىڭ مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ چوڭىيىشى، كۈچىيىشىگە مەدەت بېرىش، مەدەنىيەت كەسىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مەركەز مالىيەسى مالىيە مىنسىتىرلىقى گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مەبلەغ ئاجىرتىش فۇنكىتسىيىسىنى ئادا قىلىدىغان مەركەزنىڭ 39 كارخانىسىنىڭ 55 تۈرىنى يولغا قويىشىنى قوللاشقا 2013-يىللىق مەركەزنىڭ مەدەنىيەت كارخانىلىرى دۆلەت ئىلكىدىكى مەبلەغ تىجارىتى خامچوت مەبلىغىدىن 830 مىليون يۈەن ئاجىراتتى.

  2011-يىلىدىن 2013-يىلغىچە مەركەز مالىيەسى دۆلەت ئىلكىدىكى مەبلەغ تىجارىتى خامچوت مەبلىغىدىن 1 مىليارد 890 مىليون يۈەن ئاجىرتىپ، 65 كارخانىنىڭ 107 تۈرنى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ يېتەكچىلىك ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى، مەركەزنىڭ تىجارەت تىپىدىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ كارخانىغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى تەرەققىيات مەبلىغىنىڭ كەم بولۇشىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى، كارخانىلارنىڭ بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر