باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

2013.10.11 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى ئورۇن، تارماقلار يېقىنقى مەزگىلدە ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  چاڭدۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ئىبادەتخانا باشقۇرۇش كومىتېتلىرى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى باشقۇرۇشقا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خادىملار ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، تەربىيەنى چىڭىتىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىبادەتخانا باشقۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى 700 نەچچە مەيدان ئۇيۇشتۇرۇپ، تەربىيەلەنگەن راھىب، راھىبەلەرنى 20 نەچچە مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزدى؛ ئالدىغىچە بېرىپ تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، راھىب، راھىبە ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا پارتىيەنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ لازى ناھىيەسى جاشىگاڭ يېزىسى سۇسۈن كەنتىدىكى ئاممىنى كۆچۈپ چىقالايدىغان، تۇرالايدىغان قىلىش، بېيىتىش، سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت كونكرېت تەلىپى ۋە ھازىرقى باسقۇچتا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش پۇرسىتىگە ئاساسەن، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى سۇسۈن كەنتىدىكى ئېتىز-ئېرىق باشلىرى، تاغ جىلغىلىرىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا بېرىپ، ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئامما بىلەن ياتاق، تاماقتا بىللە بولۇپ، كۈزلۈك يىغىمغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، سۇسۈن كەنتىنىڭ سىجىل تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىشىغا يەنىمۇ ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى.

  2011-يىلىدىن تارتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىشى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تۇرۇشلۇق كەنتلەردىكى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سۇسۈن كەنتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈشنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئىككى يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يالۇزاڭبۇ دەرياسى بويىغا جايلاشقان يېڭى سۇسۈن كەنتىدە رەتلىك ئېتىزلار، بۈك-باراقسان ئورمانلىقلار، پاكىز، رەتلىك ئۆيلەر، گۈزەل مۇھىت، خۇشال-خۇرام تىرىكچىلىك، بېيىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر