باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 900 مىڭغا يېقىن شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئاھالىلىرى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى

2013.10.12 16:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئامما ئەرزان باھالىق گۆش سېتىۋېلىپ ، خاتىرجەم گۆش يېيەلەيدىغان بولدى . ئاپتونوم رايون شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان 860 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ۋە 30 مىڭدىن ئارتۇق نەپىقە ئوبيېكتىنىڭ ھەر بىرىگە ئىككى كىلوگراملىق گۆش بېلىتى تارقاتتى ھەمدە ھۆكۈمەت بازارغا سالغان يېڭى زاپاس گۆشنى ئۇلارغا بازار باھاسىدىن بەش يۈەن ئەرزان سېتىپ بېرىشنى بېكىتتى .

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك زاپاس گۆشلىرى 10-ئۆكتەبىردىن 14-ئۆكتەبىرگىچە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 22 نۇقتىلىق ناھىيە ، شەھەرلەردىكى 264 نۇقتىدا بازارغا سېلىنىدىكەن ، باشقا ناھىيە ، شەھەرلەردىكى يەرلىك خەلق ئىشلىرى، سودا ئىشلىرى ، مالىيە تارماقلىرىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاممىغا باھادا ئېتىبار بېرىلدىغان گۆش بېلىتى تارقىتىدىكەن .

  بۇ قېتىم شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى ۋە نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىغا گۆش تولۇقلىما بېلىتى تارقىتىپ بېرىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاممىغا قىلىپ بەرگەن بىر تۈرلۈك ياخشى ئىشى ھېسابلىنىدىكەن . ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بۇ ئىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق ئىشلىرى ، سودا ئىشلىرى ، مالىيە تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ، كونكرېت تارقىتىش لايىھەسىنى بېكىتىپ ، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىك تولۇقلىما بېلىتىنى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاممىنىڭ ھېيت مەزگىلىدە خاتىرجەم گۆش يېيەلىشىنى ئۈمىد قىلغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر