بېيجىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئۆكتەبىر سائەت 2:59 دە، بېيجىڭ شەھەرلىك 119 قوماندانلىق مەركىزى پىڭگويۈەن شەرقىي يولىغا جايلاشقان شىلوڭدو سودا مەركىزىگە ئوت كەتكەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، 15 ئوتتۇرا ئەترەت ۋە 49 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىدە ئادەم قازا قىلىش ۋە يارىلىنىش توغرىسىدا مەلۇمات يوق بولۇپ، بېيجىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتىپتۇ.