باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹دۆلەت بايرىقى ئۈچۈن شەرەپ قۇچىمىز››

ياۋ توڭ

2013.10.09 14:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5–باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ‹‹دۆلەت بايرىقى›› باش تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنى پائالىيىتىدىن خاتىرە

  ‹‹قوزغال، قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار....›› ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹1 – ماي›› ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ‹‹دۆلەت بايرىقى›› باش تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنى پائالىيىتى 30 – سېنتەبىر ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرىغا جور بولۇپ باشلاندى.

  سىنىپ يىغىنىدىكى كىچىك رىياسەتچى سىنىپ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىرتتىن كەلگەن يېتەكچى بىلەن مېھماننىڭ دۆلەت بايرىقىنى بېيجىڭدىن شىنجاڭغا مەخسۇس ئېلىپ كەلگەنلىكى، تيەنئەنمېن مەيدانى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بايراقچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا ساۋاقداشلار ھاياجاندىن سەكرىشىپ كەتتى.

  ‹‹مەن تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى پەقەت تېلېۋىزوردىنلا كۆرگەن››. ‹‹ھەربىي فورما ئاكاشلارغا بەك يارىشىپتۇ››. ‹‹رىياسەتچى، بىز ئۇلاردىن سوئال سورىساق بولامدۇ؟››...

  ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ يېتەكچىسى ھۆرىگۈل مۇئەللىم ساۋاقداشلاردىن ھاياجىنىنى بېسىۋېلىپ، ئاۋۋال دۆلەت بايرىقى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى سورىدى.

  ‹‹دۆلەت بايرىقى دۆلەتنىڭ بەلگىسى››. ‹‹بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان››. ‹‹دۆلەت بايرىقىدىكى چوڭ يۇلتۇز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، تۆت كىچىك يۇلتۇز ئايرىم – ئايرىم ئىشچىلار، دېھقانلار، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە مىللىي بۇرژۇئازىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ››. ‹‹تۆت كىچىك يۇلتۇزنىڭ ھەربىر ئۇچلۇق تەرىپى چوڭ يۇلتۇزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا قارىغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابچى خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى››. تيەنئەنمېن مەيدانى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بايراقچىسى ساۋاقداشلارنىڭ بەرگەن راۋان ھەم توغرا جاۋابىنى ئاڭلاپ ئالقىش ياڭراتتى ھەم ماختىدى.

  تيەنئەنمېن مەيدانى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بايراقچىسى جاڭ يۈخاۋ ساۋاقداشلارغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق مەملىكەت مىقياسىدا يىغىلغان 2992 ئەسەر ئىچىدىن تاللانغان بولۇپ، ئۇنى شاڭخەيلىك زېڭ ليەنسۇڭ لايىھەلىگەن. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 1 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، يىلنامىسى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت بايرىقى توغرىسىدىكى قارارى›› نىڭ 4 – تارمىقىدا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى تېگى قىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بولۇپ، جۇڭگودىكى ئىنقىلابچى خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقىغا سىمۋول قىلىنغان، دېدى.

  جاڭ يۈخاۋ ساۋاقداشلارغا بايراق كۆتۈرگۈچى، بايراق چىقارغۇچى، بايراق قوغدىغۇچى قاتارلىقلارنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان ئىشلىرىنى ھېكايە قىلىپ ئېيتىپ بەردى.

  باش تېمىدىكى سىنىپ يىغىنىدا، تيەنئەنمېن رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپكە تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ مودېلى، تيەنئەنمېن مەيدانىغا دائىر كىتاب قاتارلىق خاتىرە بۇيۇملارنى تارقىتىپ بەردى؛ ئىلگىرى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 13 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا چېمپىيون بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسى تيەنئەنمېن مەيدانى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە پۇتبول ئەترىتىنىڭ ئەترەت بايرىقىنى سوۋغا قىلدى ھەم ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننىڭ ئابرۇيىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تيەنئەنمېن مەيدانى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بايراقچىسى ‹‹دۆلەت بايرىقىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى›› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ساۋاقداشلار قاتتىق ھاياجان بىلەن: ‹‹دۆلەت بايرىقىنى قىزغىن سۆيىمىز، دۆلەت بايرىقىنى ھۆرمەتلەپ، دۆلەت بايرىقى ئۈچۈن شەرەپ قۇچىمىز›› دېدى.

  كىچىك رىياسەتچىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ساۋاقداشلار يېتەكچىسى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمان بىلەن بىرلىكتە دۆلەت شېئىرى ‹‹پىدائىيلار مارشى››نى ئېيتىپ، ‹‹دۆلەت بايرىقى›› باش تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنىنى ئاياغلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر