باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى (2)

2013.10.08 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىندا نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسى جەھەتتىكى رولىنى كۈچەيتىش نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىنغا قاتناش رەھبەرلەر تېمىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى، دۇنيا ئىقتىسادىغا دائىر زور تەدبىرلەرنى مەسلىھەتلەشتى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ كېلەچېكىنى بىرلىكتە پىلانلىدى.

  ساھىبخانا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى ساسىلو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئېچىلىش مۇراسىمى نۇتىقىدىن كېيىن، شى جىنپىڭنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قوغدايلى ۋە راۋاجلاندۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى، نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، لېكىن مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشى ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھېلىھەم قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتىمىز. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، يېتەكلەش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قوغدىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى جەھەتتىكى موتورلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. (مۇخبىر دۇ شاڭمىڭ، جۇاڭ سۆيا، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر