- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە-نىزام تۈزۈملىرىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلايلى
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئېنىقلاشنى باشلىدى
2013.10.14 16:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-چېسلا بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر مەركىزي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىن ئىگلىشىچە: يېقىندا، جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە-نىزاملىرى بىلەن قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ھەمدە «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە-نىزاملىرى بىلەن قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئېنىقلاش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە-نىزاملىرى بىلەن قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. (مۇخبىر جياڭ جيې خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر