باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىردا بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ، 12 ئادەم ئۆلگەن

2013.10.12 18:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىرنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ گېزىتى «ئەل ئېھرام گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 11-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، 150 كىشى ئولتۇرغان بىر قانۇنسىز كۆچمەنلەر كېمىسى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن مىسىردىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر ئىسكەندەرىيەنىڭ غەربىدىكى دېڭىز رايونىدا چۆكۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 12 ئادەم ئۆلگەن.

  دۆلەت ئىچكى ۋەزىيىتى تەېرىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن، سۈرىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كۆپلەپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلار مىسىر ئارقىلىق ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ياۋروپاغا كېتىشنى تاللىغان، بۇ جەرياندا دېڭىز ھادىسىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي ۋالىي مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئىستاتېستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدىن ھازىرغىچە مىسىردىن ياۋروپاغا كېتىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر 3000 دىن ئېشىپ كەتكەن.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى

ئالاقىدار خەۋەرلەر