باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ مۇھاكىمە ئىمتىھان ۋاقتى 180 مىنۇتقا ئۇزارتىلدى

2013.10.14 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2014-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدىكەن، تىزىملىتىش ۋە ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتىمۇ بېكىتىلىپ بولغان.

  ئىگىلىشىمىزچە، 2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 2013-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋاقتى 26-چېسلاغىچە بولىدىكەن. ئاممىۋى پەنلەردىن ئېلىنىدىغان يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 2013-يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە.

  دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ئىمتىھان ئېلىش-قوبۇل قىلىش مەھكىمىسى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنقى يىللاردىكى مۇھاكىمە سوئالىغا بېرىلگەن جاۋابلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىللىق مۇھاكىمە ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتىدا ئازراق تەڭشىلىش بولغان، ئەسلىدىكى 150 مىنۇت ۋاقىت 180 مىنۇتقا ئۇزارتىلغان. (خاۋ مېڭجيا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر