باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يىپەك يولى ئەتراپىنىڭ مۇھىتى ئارقىلىق ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش قېلىپىنى يارىتىش كېرەك

2013.10.08 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر لى كېچىياڭ 9-ئۆكتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە بىرونى سۇلتانلىقىنىڭ سىرى بىگاۋان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ، ھەمدە بېرونى، تايلاند، ۋېتنامدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

  باش مىنىستىر لى كىچىياڭنىڭ زىيارىتى، رەئىس شى جىنپىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قىلغان سەپىرى بىلەن بىرلەشكەن بولۇپ، يەتكۈزۈلگەن قارىشى ئوخشاش بولدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت باشلىقى بىلەن ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەنۇبىي ئاسىياغا سەپەر قىلىشى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇشى، جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىتىنى، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈشتەك ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى نامايان قىلدى.

  لى كېچياڭ بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورىيە رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى ۋە شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا توغرا كەلدى.

  لى كېچياڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق، سىرتقا، جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى، ئىستراتېگىيە جەھەتتە بىر-بىرىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر