باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى ھەققىدە خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2013.10.08 09:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۆنۈگۈن باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 16-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە رەھبەرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 8-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى، برۇنېي، تايلاند، ۋېتنامدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ھەققىدە جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىغا خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ليۇ جېنمىڭ، مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى جۇ گۇڭياۋ، مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى گاۋ يەن ئايرىم-ئايرىم ئەھۋال تونۇشتۇردى.

  ليۇ جېمنىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭايتىلمىسى، شەرقىي ئاسىيا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان، تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ياخشى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سەھنە. شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا باش مىنىستىر لى كېچياڭ رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش ئىستراتېگىيىلىك مۇنبەر خاراكتىرىدە چىڭ تۇرۇپ، كېڭىشىپ بىردەكلىك ھاسىل قىلىش، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى تەرەپلەرگە ماس كېلىشكە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق بەلگىلەنگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بىخەتەرلىك سۆزلىشىشى، ھەمكارلىقىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشنى قايتا تەكىتلەيدۇ. جۇڭگو «شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى فىنوم پېن تەرەققىيات خىتابنامىسى» ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېنېرگىيە، مۇھىت ئاسراش، مائارىپ، پۇل- مۇئامىلە، ئاممىۋى سەھىيە، ئاپەتنى باشقۇرۇش، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ئالاقىسى قاتارلىق ئالتە نۇقتىلىق ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. يىغىندا «8-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك خىتابنامىسى» ماقۇللىنىدۇ.

  جۇڭگونىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، بۇ قېتىمقى شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجە يارىتىلىپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا قوش قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانىغا قاراپ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل. يىغىن مەزگىلىدە باش مىنىستىر لى كېچياڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر