باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە جۇڭگوچە مەمۇرلار ئىمتىھان تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى

2013.10.08 10:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى، دۆلەتلىك مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يىن ۋېيمىن يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 يىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن ، تەرەققىيات باسقۇچىغا ماس كېلىدىغان، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان جۇڭگوچە مەمۇرلارنى ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى.

  جۇڭگوچە مەمۇرلارنى ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش تۈزۈمى مۇنداق تۆت ئالاھىدىلىككە ئىگە.1

  1. كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يۇقىرى ساپالىق مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يادرونى مەھكەم چۆرىدەپ، پارتىيىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش.

  2. ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارغا بولۇپمۇ ئەخلاق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپى بويىچە، مەمۇرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش.

  3. ئىمتىھان ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش بىرلەشتۈرۈلگەن تاللاپ ئىشقا قويۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئىمتىھان نەتىجىسى ھەم تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاش.

  4.دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ،ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش سىياسەت بەلگىلىمىسى، ھەرىكەت مېخانىزمى، خىزمەت قېلىپى قاتارلىقلارنى داۋاملىق ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش.

  يىن ۋېيمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، مەمۇرلارنى ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش خىزمىتى مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، مەمۇرلار قوشۇنى ساپاسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى ئۈنۈملۈك توسۇش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ،ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈش ئىختىساسلىقلارنى تاللاشتىكى بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيىلىك خىزمەتكە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر