باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتتىن بىلەن كۆرۈشتى

2013.10.08 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۆنۈگۈن ھىندىنوزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتتىن بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي قىزغىن كەيپىياتتا جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ.

  پۇتتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سەمىمىي دوستلۇق ۋە قويۇق ئالاقىنى داۋاملاپ ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايمەن.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ۋە كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا قوشۇلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا تۈرلۈك مېخانىزىم ئارقىلىق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە بۇيرىدى.

  شى جىنپىڭ نۆۋەتتىكى جۇڭگو ۋەزىيىتى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىستىقبالى، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. پۇتتىن جۇڭگونىڭ تۈرلۈك زور ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جىچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر