باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق بىلدۈردى، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى تېررىتورىيە ھوقۇقى تالاش-تارتىشىغا ئارلىشىشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك

2013.10.08 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 7-چېسلا 5-قېتىملىق ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ئۈچ دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە تاقىلىدىغان مەزمۇنغا ئائىت قوشما بايانات ئېلان قىلىنغانلىقى توغرىلىق مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ئۆزئارا ئىتتىپاقداش مۇناسىۋەتتە، ئەمما بۇ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشىغا ئارلىشىشنىڭ باھانىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋېتىدۇ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ .بىر مۇخبىر «خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يېقىندا بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئارلىقىدا 5-قېتىملىق ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ئۈچ تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاچقان ھەمدە شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە تاقىلىدىغان مەزمۇن بار قوشما بايانات ئېلان قىلغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىدى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى پىرىسىپال مەيدانى ئىزچىل ئېنىق بولۇپ كەلدى. بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىشىنى، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىنى، ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۆز قىلىشى ۋە سالماقلىق بىلەن ئىش قىلىشىنى، مەسىلىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىشىغا پايدىسىز بولغان، رايون مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتلەرنى توختىتىشنى دەۋەت قىلىمىز».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر