- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت دەسلەپكى قەدەمدە مەيدانغا كەلدى
سۇ شياۋخۇي
2013.10.08 14:11 مەنبە: خەلق تورى
10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە بىلەن مالايسىيادا دۆلەت زىيارىتى قىلدى ھەمدە ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC)نىڭ 21-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ روسىيە، تانزانىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، كونگو قاتارلىق تۆت دۆلەتنى زىيارەت قىلدى ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ترىنىداد بىلەن توباگو ۋە كوستارىكا بىلەن مېكسىكىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن كۆرۈشتى. 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ تۈركمەنسىتان، قازاقسىتان، ئۆزبېكسىتان ۋە قىرغىزسىتانلارنى زىيارەت قىلدى ھەمدە شۇ ئارىلىقتا، روسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 8-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى، قىرغىزسىتاندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى.
رەئىس شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 7 ئاي ۋاقىت ئىچىدە، 4 قېتىم زىيارەتكە چىقتى. ئۇنىڭ قەدىمى ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق قىتئەلەردىكى 14 دۆلەتكە يېتىپ، باسقان مۇساپىسى تەخمىنەن 100 مىڭ كېلومېتىرغا يەتتى. بۇ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا بولغان يۈكسەك ئىتىبارىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ دۇنياۋى نەزەر دائىرىسىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت داۋامىدا كۆپ قېتىم «جۇڭگو ئارزۇسى»نى بايان قىلدى. جۇڭگو ئارزۇسى پەقەت جۇڭگو بىر دۆلەتنىڭ ئارزۇسىلا بولماستىن، يەنە دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، دۇنيا ئارزۇسى بىلەن ماسلىشىشقا ۋە ئۆزئارا تۇتىشىشقا مۇھتاج.
دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو يەنىلا ھەممە تەرەپلىك دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنى يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى، ئەتراپ دۆلەت دىپلوماتىيەسى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دىپلوماتىيەسى ۋە كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە قاتارلىق 4 چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما 4 قېتىملىق زىيارەتنىڭ ھەممىسىدە تولۇق نامايان قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر