باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېدۋېدىۋ: دۆلەت رەھبىرى بولغانلارنىڭ ئۆز مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلىشى ناھايىتى نورمال ئىش

2013.10.23 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان روسىيە زوڭلىسى مېدۋېدىۋ شىنخۇا تورىدا جۇڭگولۇق تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگولۇق تورداشلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

  ‹روسىيەنىڭ دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، باشلامچىلىق بىلەن شەخسىي مۈلكىڭىزنى ئاشكارىلاشتا، سىز سىرتتىن بېرىلگەن باھاغا قانداق قارايسىز؟› دېگەن سوئالغا جاۋاپ بەرگەندە، مېدۋېدىۋ مۇنداق دېدى: ناھايىتى نورمال قارايمەن، باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئوخشاش مەنمۇ چوقۇم مەلۇم قىلىشىم كېرەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى مەلۇم قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، زوڭتوڭ بولغان چېغىمدىمۇ مەلۇم قىلىپ تۇرغانتىم، ھازىر زوڭلى بولغان چېغىمدىمۇ مەلۇم قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭا كۆپچىلىك زوڭتوڭ، زوڭلىنىڭ كىرىمى قانچىلىك، قانداق مۈلكى بار، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ مۈلكى قاتارلىقلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئۇسۇل ناھايىتى نورمال، پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇنداق، ھېچبىر ئالاھىدە ئەمەس.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر