- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەملىكىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا چىقىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ٪20 ئاشتى
2013.10.23 15:08 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 22-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مالىيەسىنىڭ پەن-تېخنىكا مەبلىغىنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مالىيە پەن-تېخنىكا مەبلىغى سېلىنمىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى، مەملىكىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا چىقىمى 2006-يىلىدىكى 168 مىليارد 850 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 2012-يىلى 560 مىليارد 10 مىليون يۈەنگە يەتتى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ٪22.73 ئاشتى، 7 يىلدا جەمئىي 2 تىرىليون 420 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى مەملىكىتىمىز مالىيە چىقىمىنىڭ ٪4.37 نى ئىگىلىدى. (لو شا، خەن جيې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر