باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا «بوشلۇق جىددىي قۇتقۇزۇش يولى» تەسىس قىلىندى

2013.10.23 10:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چياۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە سىستېمىسى بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە داۋالاش قۇرۇلۇش تۈرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبولاتورىيە كېسەلخانىسى ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ئۆگزىسى 20 – ئۆكتەبىر يېپىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن. بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە جىددىي قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانى قونۇش سۇپىسى بار تۇنجى دوختۇرخانا بىناسى بولۇپ قالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبۇلاتورىيە كېسەلخانا ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 11 مىڭ كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇشقا 550 مىليون يۈەن كېتىدىكەن، كېسەلخانا بىناسىدا ئىككى كىشىلىك ۋە بىر كىشىلىك ياتاق، 900 كېسەل كارىۋىتى تەسىس قىلىنىدىكەن. كېسەلخانا بىناسى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدىكەن ھەم كېسەل كۆرسىتىش، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى تەدرىجىي ھەل قىلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ فاشېڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى بارغانسېرى گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلاندى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى داۋالاش، جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالدى، ‹‹يەر يۈزى بوشلۇق››ى ئىسترولاشقان جىددىي قۇتقۇزۇش تورى قۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى دۆلەت دەرىجىلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى بولۇپ، يېڭى ئامبۇلاتورىيە كېسەلخانا ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدە 268 كىۋادىرات مېتىرلىق جىددىي قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانى قونۇش سۇپىسى لايىھەلەندى، ‹‹بوشلۇق جىددىي قۇتقۇزۇش يولى›› ئېچىلغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر