- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەقسىز كېسەل كۆرۈش ھەپتىلىكى باشلاندى
2013.10.25 10:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
گۈلمىرە مۇھەممەد خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكىتى›› تېمىسىدىكى مەملىكەت بويىچە چوڭ تىپتىكى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيەت ھەپتىلىكىنىڭ شىنجاڭدىكى باشلىنىش مۇراسىمى 21 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇقۇشىمچە، دۆلەت سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بارغان. 22 – سېنتەبىردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ‹‹AA ›› دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا بىر ھەپتە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا سەھىيە سىستېمىسى بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 47 دوختۇرخانىنىڭ خادىملىرىمۇ ئۆزلىرى ياردەم بېرىدىغان ناھىيە، شەھەرلەردە ھەقسىز كېسەل كۆرىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى يۇنۇس ئەخمەت مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەرگە بېرىپ، كۈز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان قان بېسىمى، يۈرەك – مېڭە كېسىلى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ھەقسىز كېسەل كۆرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر